نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە، ئادەمنىڭ بەش ئەزاسى ئىچىدە چىراي قىممىتىگە نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغىنى، بىرىنچى بولۇپ يۈز شەكلى، ئۇندىن قالسا كۆزلىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئادەتتە، چىراي شەكلى گازىر شەكىللىك ياكى غاز تۇخۇمى شەكىللىك كەلگەنلەرنىڭ چىراي قىممىتى بەك ناچار بولۇپ كەتمەيدۇ. بۇندىن باشقا، كىشىلەر كۆزنى قەلب دېرىزىسى دەپ ئاتايدىغان بولۇپ، چوڭ ھەم نۇرلۇق كۆز، ئادەمنى تېخىمۇ روھلۇق كۆرسىتىدۇ.
لېكىن ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلىنىشىچە، چىرايلىق كەلگەن كالپۇك شەكلىمۇ، ئادەمنىڭ چىراي قىممىتىگە چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ چۈنكى، ھازىر ئاساسەن ھەممە خانىم-قىزلار لەۋ سۇرۇخى ئىشلىتىدىغان بولغاچقا، ئەگەر كالپۇك شەكلى ياخشى بولمىسا، لاتاپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن، باشقىلارغا بىر خىل غەلىتە تۇيغۇ بىرىپ قويىدۇ. تۆۋەندە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ھەممە ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئەڭ چىرايلىق تۆت خىل كالپۇك شەكلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
گىلاس كالپۇك دېگەن بۇ ئىسىمدىنلا، نۇرغۇن كىشىلەر بىر قەدەر چىرايلىق بولغان گىلاستەك كىچىك ئېغىزنى ئىسىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئېغىز شەكلى، گىلاسقا ئوخشاش كىچىك، ئوماق ھەم چىرايلىق بولۇپلا قالماي، كالپۇكىمۇ نىسبەتەن پاقىراپ تۇرىدىغان ۋە نەملىكىنى يوقاتمىغان كۆرۈنىدۇ.
ئەگەر سىزنىڭ گىلاستەك كىچىك ئېغىزىڭىز بار بولسا، ئۇنداقتا لەۋ سۇرۇخىنى بەك قېنىق سۇۋىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، بولمىسا ئەكسىچە كالپۇكىڭىزنىڭ تەبىئىي گۈزەللىكىنى توسۇۋالىدۇ. ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان دىلرابانىڭ ئېغىزى دەل مۇشۇنداق گىلاس شەكىللىك ئېغىز بولۇپ، بۇ خىل كالپۇك شەكىلگە ئىگە خانىم قىزلار، لەۋ سۇرۇخىنى قېنىق سۈرسە بىر خىل نازاكەتلىك كۆرۈنىدۇ، لەۋ سۇرۇخىنى سۇس سۈرىسە، بىر خىل ساددا ھەم تەبىئىي چىرايلىق كۆرۈنىدۇ.
بۇ خىل كالپۇك شەكلى، يېقىندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان قىزلار ئىنتىلىۋاتقان بىر خىل كالپۇك شەكلى بولۇپ، ئەسلىدە كالپۇكى بۇ خىل شەكىلدە بولمىسىمۇ، ئۇلار ھۆسىن تۈزەش ئارقىلىق بۇ خىل كالپۇكقا ئىگە بولۇشنى ياكى گىرىم قىلىش ئارقىلىق مۇشۇ خىل شەكىلدىكى كالپۇكقا ئوخشاش ئۈنۈم تۇيغۇسىغا ئىرىشىشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل كالپۇكنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئۈستۈنكى كالپۇك ياكى ئاستىنقى كالپۇك M شەكىلدە كەلگەن بولۇپ، ئوتتۇرا قىسىمدىكى كالپۇك ئېتى نىسبەتەن تولغان كېلىدۇ.
بۇندىن باشقا، بۇ خىل كالپۇكنىڭ ئېغىر بۇرجەك قىسىمى ئازراق يۇقىرىغا كۆتۈرلۈپ كەلگەچكە، قارىماققا سىزىق تۇيغۇسى نىسبەتەن مول كېلىدۇ ھەمدە بىز شەرقلىقلەرنىڭ ئىستېتىك قارىشىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. جاڭ يۈچىنىڭ كالپۇكى، بىر قەدەر چىرايلىق بولغان M شەكىللىك كالپۇك بولۇپ، ئۇنىڭ كالپۇك ئېتى گەۋدىلىنىپ چىققان ھەمدە قوش M شەكىللىك ئەگرى سىزىق نامايەن قىلغان. شۇڭا ئۇ لەۋ سۇرۇخى سۈرىگەن ۋاقىتتا ناھايىتى تەنناز ھەم نازاكەتلىك كۆرۈنىدۇ.
بۇ خىل كالپۇك شەكلىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان بىر قەدەر كۆپ تىلغان ئېلىنىدىغان كالپۇك شەكلى بولۇپ قالدى. ئەمەلىيەتتە، كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك بىلىنىدىغان بۇ خىل كالپۇك شەكلى، M شەكىللىك كالپۇكنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى، كالپۇكنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى بىلەن ئېغىز بۇرجىكى تەرەپتىكى قىسىمىنى بىر قەدەر ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئاساسى جەھەتتىن ئوخشاش بىر سىزىق ئۈستىدە كېلىدۇ ياكى كالپۇكنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىن يۇقىرى بولغان ئورۇندا كۆرۈنىدۇ. بۇنىڭدا، سىزدە ھېچقانداق چىراي ئىپادىسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئادەمگە بىر خىل كۈلۈمسىرەۋاتقاندەك تۇيغۇ بىرىدىغان كۆرۈنىدۇ.
بۇ خىل كالپۇك شەكلىگە ئىگە كىشىلەر، كۆپىنچە كىشىگە بىر قەدەر مۇلايىم ھەم چىقىشقان تەسىر بىرىدۇ. چىن شۇنىڭ كالپۇكى دەل مۇشۇ خىلدىكى كالپۇك بولۇپ، ئۇنىڭ چىراي شەكلى ۋە بەش ئەزاسى ئەسلىدە سىزىق تۇيغۇسى ئېنىق ئەمەس، لېكىن بۇ خىل مۇلايىملىق تۈسىگە ئىگە كالپۇك شەكلىگە ئىگە بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئادەمگە بىرىدىغان تەسىرى ئۇنداق ھاكاۋۇر ۋە سۇغۇق مىجەز بىلىنمەيدۇ.
ئەڭ ئالقىشقا ئىرىشىدىغىنى، تەبىئىيلا ئۆلچەملىك كالپۇكتۇر. ئۆلچەملىك كالپۇكنىڭ ئالاھىدىلىكى، ئاستى ئۈستى كالپۇكنىڭ قېلىنلىق دەرىجىسى نورمال، ئاستى ئۈستى كالپۇكنىڭ كەڭلىك دەرىجىسى ناھايىتى ماسلاشقان كېلىدۇ.
ۋاڭ زۇ شىيەننىڭ كالپۇكى، بىر قەدەر چىرايلىق بولغان ئۆلچەملىك كالپۇك بولۇپ، بۇ خىل كالپۇكقا ئۇنىڭ كۆزلىرى ۋە ئۆزگىچە لاتاپىتى قوشۇلۇپ، ئۇنى تولىمۇ نازاكەتلىك كۆرسىتىدۇ. بۇندىن باشقا، ئۆلچەملىك كالپۇك شەكلى، ھۆسىن تۈزەپ ياسالغان كالپۇكلار يىتەلمەيدىغان بىر خىل كالپۇك شەكلىدۇر.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

نىلوپەر غولىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، قايناقسۇدا 5مىنۇت قاينىتىمىز. نىلوپەر غولىنى نېپىزرەك توغراپ، جىياڭيۇ ۋە تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىسىمى، بويۇن، مۈرە ۋە بەل قورس

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەر ئايدا چې

دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، ھەممىسىلا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمىلىيەتت

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بىر ئاي ئىچىدە، ھامىيلە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ھامىلدار ئانا ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.

كۆپ قىسىم ھامىلدار ئاياللار ئەگەر قىز بالىغا ھامىلدار بولغان بولسا، ئادەتتە ھامىلدارلىق ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇلاردا بەزىبىر ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ؛ گەرچە بۇلارنىڭ %100

ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدار تۇغۇلما بولۇپ، كۆپىنچە بالىلارنىڭ تۇغۇلغاندىن كىيىنكى ئەقلى ئىقتىدارى كۆپ پەرقلەنمەيدۇ؛ ئەمما ھىسيات كونتىرول قىلىش كۆرسەتكۈچى بۇنىڭغا

ئاياللارغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇلارنىڭ ھەممىدىن بەك ئىرىشىشنى ئويلايدىغىنى مۇھەببەت ۋە بىخەتەرلىك تۇيغۇسىدۇر؛ ئەمما سىز ئەرلەرنىڭ نىمىگە ئىرىشىشنى ئويلا
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号