
يېڭى ساقلاش سۇلياۋ پەردىسىدىن تولۇق پايدىلىنىڭ. تاماق ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى قىزىتماقچى بولغاندا، يېڭى ساقلاش سۇلياۋسىدىن ئەپچىل پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزىتماقچى بولغان يېمەكلىكلەرنى ئوبدان ئوراڭ. بۇنداق قىلغاندا يېمەكلىك تەركىبىدىكى سۇنىڭ پارغا ئايلىنىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، يېمەكلىكنىڭ يېڭىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولۇپلا قالماستىن، تاماق قىزىتىش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئازايتىپ، توك تېجەش مەقسىتىگىمۇ يەتكىلى بولىدۇ.
توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەرنى مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاققا سېلىشتىن بۇرۇن ئېرىتىۋېلىڭ. مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى قوزغىتىش ۋە توختىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئىسسىتماقچى بولغان يېمەكلىكنى توڭلاتقۇنىڭ توڭلىتىش ساندۇقىدىن سوغۇق ساقلاش ساندۇقىغا يۆتكەپ، ئاستا – ئاستا ئېرىتىۋېلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق.
نىسبەتەن قۇرغاق يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتماقچى بولغاندا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت تەكشى سۇ پۈركەڭ، بۇنداق قىلغاندا ئىسسىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، توك سەرپىياتىنى ئازايتىشقا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
بىر قېتىمدا ئىسسىتماقچى بولغان يېمەكلىكنىڭ مىقدارى ئەڭ ياخشىسى 500 گرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. ناۋادا ئىسسىتىىدىغان يېمەكلىك كۆپ بولسا توغرا كەلسە، بىرنەچچە قېتىمغا بۆلۈپ ئىسسىتىش لازىم. ئارىلىقتا مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاقنى دەم ئالدۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق، ئامال بار «كۈچلۈك ئوت» تا ئىسسىتىڭ.
مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق قوزغىتىلغان چاغدا توك كۆپ كېتىدۇ، شۇڭا يېمەكلىكلەرنى ئىسسىتىش داۋامىدا ۋاقىتنى ئىگىلەشكە ماھىر بولۇپ، ئوچاقنى قوزغاش ۋە توختىتىش قېتىم سانىنى ئازايتىش، ئەڭ ياخشىسى بىر قېتىمدىلا مەقسەتكە يېتىش كېرەك.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.

پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى ئاياغلارنى كۆرۈپ چىقىڭ ھەمدە ئەگە ھامىلدار بولسىڭىز قايسى ئاياغنى كىيىدىغانلىقىڭىزنى تاللاپ، كەلگۈسىدە ئوغۇل تۇغامسىز

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

نۇرغۇن ئانىلار بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، بوۋاقنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بەزىدە تۇتقىلىمۇ قورقۇپ قالىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق كىچىك بولغاچقا، ئادەتتە ئ

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇ

ئەمما، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش ھامىيلىگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار يەنىلا ئامال قىلىپ تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىنا

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش چىقىپ كېت

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号