تۇز، دانچىسىمان بولۇپ، ئاق رەڭلىك كرىستال پاراشوك ياكى پارچە،
پۇراقسىز، تەمى تۇزلۇق، سۇدا ئاسان ئېرىيدۇ، ئىلمىي نامى ناترىي خلورىد.
|
|
ئاش تۇزى(23)بازاردا سېتىلىۋاتقان تۇزلاردىن ئادەتتە يىرىك تۇز، ساپ تۇز، كرىستال تۇز ۋە تۇز قاتارلىقلار بار. يېمەكلىك تۇزى ئادەتتە تاش تۇزى ۋە دېڭىز تۇزى دەپ ئايرىلىدۇ، ئادەتتە يود قوشۇپ ياسىلىدۇ. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 100 گرام ساپ تۇز تەركىبىدە 39311 مىللىگرام ناترىي، 2 مىللىگرام ماگنىي بار. تاش تۇزى گېئولوگىيىلىك تەبىئىي قېزىلما بايلىقلىرى ئىچىدە، ناترىي ۋە خلورلۇق ماددىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا مىنېرال ماددىلار تەركىبى يوق. دېڭىز تۇزى ئادەتتە شورلۇق بۇلىدۇ، دېڭىز تۇزى تەركىبىدە ئاز مىقداردا مىنېرال ماددىلاربۇلىدۇ. مەسىلەن: كالىتسىي، ماگنىي، قالقان بروملۇق بىرىكمىلەر ۋە باشقا ھەر خىل مىنېرال ماددىلار بار.
تۇز كۆپ مىقداردا ناترىي بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئادەم بەدىنى ئۈچۈن ئبيتقاندا ناترىي ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇ ئاقسىل ۋە سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ ئالمىشىشى ۋە نېرۋا ئىمپۇلىسىنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى، ھورموننىڭ تەڭشىلىشى ۋە ھۈجەيرىلەرنىڭ ئوكسىگېن سەرپىياتىنى كونترول قىلىش، سۈيدۈك مىقدارىنى ھاسىل قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئۇسسغاندا شۆلگەي، كۆز يېشى، تەر، ئاشقازان سۇيۇقلۇقى ۋە ئۆت سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى ھاسىل قىلىدۇ. تۇز ھاسىل قىلغان ئاشقازان كىسلاتاسى ئىنتايىن مۇھىم.
تۇز(21)يىرىك تۇزنىڭ تەرلىتىش رولى بار، ئۇ بەدەندىكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى چىقىرىش ۋە ئارتۇقچە سۇلارنى يوقىتىش رولىغا ئىگە، تېرىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يۇمشىتىش، تۇز تولۇقلاش ۋە مىنېرال ماددىلارنى تۇلۇقلاش قاتارلىق رولىمۇ بار.
يۇڭ ئەدىيال ئۈستىدىكى ماي داغلىرىنى تازىلاش ئۈچۈن، بىر ئۈلۈش تۇز ۋە تۆت ئۈلۈش ئىسپىرت ئېرىتمىسى بىلەن يۇيۇپ، تازا كۈچەپ ئۇۋۇلىسا ماي داغلىرىنى چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ.
ئەتىگەندە سۇس تۇز سۈيىدە كۆزىنى يۇيۇپ بەرسە، تراخوما قاتارلىق بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى كېسىلىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. يۇيۇنغاندا ئازراق تۇز سۈيى قوشۇپ يۇيۇنسا، تېرە كېسىلىنى داۋالايدۇ. باش ئاغرىغاندا تىلغا ئازراق تۇز سۈركەپ، ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچسە باش ئاغرىقىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. چىش كولىغاندا قان چىقىپ كەتسە، تۇز سۈيى ئارقىلىق دەرھال قان توختاتقىلى بۇلىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ھەزىم قىلىش ياخشى بولمىغاندا، سۇس تۇز سۈيى ئىچىپ بەرسە ياخشى بۇلۇپ قالىدۇ. چاي ئىچكەندە ئازراق تۇز قۇشۇپ ئىچسە، گال ياللۇغلىنىش ۋە ئىسسىق ئۆتۈپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىدۇ. ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچسە، گال قۇرۇپ ئاۋاز پۈتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. ئۈششۈك يارىسىنى ئىسسىق تۇز سۈيىدە يۇيۇپ بەرسە، قىچىشىشنى توختىتىش رولىنى ئوينايدۇ. زەھەرلىك يېمەكلىكنى يەپ سالغاندا، ئازراق تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچسە زەھەر قايتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قالغاندا، يىرىك تۇزنى خالتا ئىچىگە قويۇپ، ئىسسىق ئۆتكۈزسە بۇلىدۇ. سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ھەر كۈنى بىر ئىستاكان سۇس تۇز قوشۇلغان قايناقسۇ ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەت راۋانلىشىدۇ. ھەمىشە تۇز سالغان قايناقسۇ بىلەن چاچ يۇيۇپ بەرسە، چاچ چۈشۈپ كېتىشنىڭ، چاچ ئازىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
1. خىمىيە سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛
2. بوياق سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛
3. ئېرىتىش سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛
4. قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى سانائىتى جەريانىدا قولىنىلىدۇ؛
5. ماشىنىسازلىق سانائىتى جەريانىدا ئىشلىتىلىدۇ؛
6. نېفىت سانائىتىدە ئىشلىتىلدۇ؛
7. يېنىك سانائەتنىڭ جەريانىدا قولىنىلىدۇ؛
8. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سەرخىل تېخنىكلارنى ياساش جەھەتلەردە ئىشلىتىلدۇ؛
9. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىشلىتىلدۇ؛
نۇرغۇن تەتقىقاتتا ئىسپاتلىشىچە، ئاش تۇزىنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارى بىلەن قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى تۆۋەنلىكى ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بۇلدىكەن. ئەڭ دەسلەپكى ھايۋاناتنى تەجرىبە قىلىش جەريانىدا كىشىلەر تۇزنىڭ مىقدارى يۇقىرى بولسا، قان بېسىمىنىڭمۇ يۇقىرى بولدىغانلىقىنى بايقىغان. كىيىن نۇرغۇن كىشىلەر تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئەگەر تاماق قىلىش جەريانىدا تۇزنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتسە، يۇقىرى قان بېسىم كىلىپ چىقىدىغانلىقىنى بايقىغان؛ لېكىن تۇز ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن، قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. ئاش تۇزىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ناترىي خلورىد. ناترىي ئىئونى قوبۇل قىلىش زىيادە كۆپ بولسا ھۈجەيرە قوزغىلىشچانلىقى ئېشىپ، ئارتېرىيە تارىيىش، قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش قاتارلىق ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ.
ئاش تۇزى بۆرەك ۋە سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ. ھايۋانات تەجرىبىسى ئىشلەش جەريانىدا، كىشىلەر تۇزنىڭ مىقدارىنىڭ سۈدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارىدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بايقىغان؛ تۇزنىڭ مىقدارى ئۆرلەپ، سۈيدۈك تەركىبىدىكى ئاقسىل مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، بۇ دەل بۆرەك ئىقتىدارىدا مەسىلە يۈز بەرگەنلىكنىڭ ئىپاىسى بۇلىدۇ. تۇز مىقدارى يۇقىرى بولغان تاماقنى كۆپ يېگەندە، بۆرەك زەخىملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەلكىم كۆپ يەۋەرسە بۆرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بۇلۇش مۇمكىن.
ئاش تۇزىنىڭ تەركىبىدە ناترىي ئىيونى كۆپ بولۇپ، تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، ناترىي، كالتسىي قاتارلىق مادىلارنىڭ ئادەم بەدىنى بىلەن ماددا ئالماشتۇرۇش ئالاقىسى بۇلدىكەن، ناترىي ئىئونى ئادەم بەدىنىدىكى مۇھىم ماددا، يېمەكلىك تۇزى ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولۇپ كەتكەندە كالتسىي كۆپلەپ چىقىپ، سۈيدۈكتىكى كالتسىي سەۋىيىسى ئۆرلەيدۇ، شۇ سەۋەپتىن سۆڭەك نېپىزلەيدۇ ۋە سۆڭەك ماددىسى شالاڭلىشىش كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، سۈيدۈك سۇيۇقلۇقى ئىچىدىكى كالتىسىي ئىئونى كۆپەيسە بۆرەككە تاش چۈشۈش خەۋپ-خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

بىرەر مەسىلىنى ئەڭ ئوبرازلىق ھالدا تەسۋىرلەپ بىرىشتە، ئۇنى باشقا بىر نەرسە بىلەن سېلىشتۇرۇپ تەسۋىرلەش، ئەڭ ئۈنۈملۈك بىر ئۇسۇلدۇر.

ھامىلدارلىق مەزگىلىدە، ھامىلدار ئايال تۆۋەندىكى تۆت خىل كۆكتاتنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كىرەك، بولمىغاندا، ھامىيلىنىڭ يىتىلىشىگە تەسىر يىتىدۇ.

پىسخىكىلىق سىناق: تۆۋەندىكى رەسىملەردىكى ئاياغلارنى كۆرۈپ چىقىڭ ھەمدە ئەگە ھامىلدار بولسىڭىز قايسى ئاياغنى كىيىدىغانلىقىڭىزنى تاللاپ، كەلگۈسىدە ئوغۇل تۇغامسىز

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

نۇرغۇن ئانىلار بالىسى تۇغۇلغاندىن كىيىن، بوۋاقنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرەپ، بەزىدە تۇتقىلىمۇ قورقۇپ قالىدۇ. يىڭى تۇغۇلغان بوۋاق كىچىك بولغاچقا، ئادەتتە ئ

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇ

ئەمما، نۇرغۇن ھامىلدار ئاياللار، تۇغۇت يولىدىن تۇغۇش ھامىيلىگە تېخىمۇ پايدىلىق دەپ قارايدىغان بولغاچقا، شۇڭا ئۇلار يەنىلا ئامال قىلىپ تۇغۇت يولىدىن تۇغۇشنى سىنا

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش چىقىپ كېت

دىققەت قىلىڭ: تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا، بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقىۋالساق، تاساددىبىي ھادىسە يۈز بەرگەندە %40دىن ئ






تۈرى : جان قوزام
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号