نورۇز ئېشى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقىنىڭ ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› پائالىيىتىدە ئالاھىدە تەييارلىنىدىغان بىرخىل ئالاھىدە تائامدۇر. ئۇيغۇر تىلى ئىملا لوغىتىدە ‹‹ تەۋرۇز ›› ئەمەس، بەلكى ‹‹ نورۇز ›› دەپ ئېلىنغان. ھۆرمەتلىك ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى ئۆزىنىڭ ‹‹ نورۇز نامە ›› كىتاۋىدا ‹‹ نورۇز ›› سۆزىگە تەبىر بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: ‹‹ نورۇز ›› سۆزى ئەسلى ئىران تىلىدىكى ‹‹ نەۋرۇز ›› سۆزىدىن ئۇيغۇرلارغا ئۆزلەشكەن بولۇپ، ‹‹ نەۋ ›› يېڭى دىگەن مەنىنى، ‹‹ رۇز ›› كۈن دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈدۇ، يەنى يېڭى كۈن، يېڭى يىل، باھار بايرىمى مەنىلىرىنى بىلدۈرۈدۇ.‹‹ نورۇز ئېشى ›› ئېتىش-‹‹ نورۇز بايرىمى ›› دىكى نۇرغۇن پائالىيەتلەرنىڭ بىر تۈرىدۇر، نورۇز ئېشى- ‹‹ تۇتماچ ››، يەنى تۇتما ئاچ ›› دەپ ئاتىلاتتى، ‹‹ نورۇز بايرىمى ›› دا ئېتىلىدىغان تائام تۈرلىرى ناھايتى كۆپ بولۇپ، بۇلار ‹‹ ق ›› ھەرىپىدىن باشلانغان يەتتە تۈرلۈك تائام- قايماق، قېتىق، قۇرۇت، قۇيماق، قۇيرۇق-بېغىر( دۇمبە-جېگەر)، قوزا گۆشى ( تونۇر كاۋاپ ياكى قورداق). ‹‹ س ›› ھەرىپىدىن باشلانغان توققۇز يىمەكلىك-سىراق-باش، سۈت، سېرىق ياغ، سۇيېغى، سوك-تېرىق، ساغۇن، سىركە، سامساق قاتارلىقلاردىن تەييارلانغان غىزالار. كالا-قوي گۆشى بىلەن بۇغداي يارمىسىدا ئېتىلىدىغان داشقازان ئېشى-‹‹ ھېلىسە ››. بۇغداي مايسىسى قاتارلىق توققۇز تۈرلۈك دانلاردىن تەييارلىنىدىغان ‹‹ سومۇلەك ›› قاتالىق تائاملاردىن ئىبارەت ئىدى، ئەجداتلىرىمىز بۇ ئارقىلىق توققۇزى تەل بولۇشنى تىلەيتتى. ››


زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش چىقىپ كېت

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

نىلوپەر غولىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، قايناقسۇدا 5مىنۇت قاينىتىمىز. نىلوپەر غولىنى نېپىزرەك توغراپ، جىياڭيۇ ۋە تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىسىمى، بويۇن، مۈرە ۋە بەل قورس

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەر ئايدا چې

دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، ھەممىسىلا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمىلىيەتت

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بىر ئاي ئىچىدە، ھامىيلە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ھامىلدار ئانا ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号