خام ماتىريالى: ئۇن ، گۆش ، سۇ يېغى، يېسۋېلىك، كۆك-قىزىلمۇچ، سامساق، غولپىياز، پەمىدۇر، يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ (پەمىدۇر قىيامى)

تەم خۇرۇچلىرى: تۇز، كاۋاۋىچىن، ئاچچىقسۇ
تەييارلاش ئۇسۇلى: دەرىسلىكتە ئېيتقىنىمىزدەك،پەسىلگە قاراپ ئۇنغاتۇز ۋەسۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ، پورەك چىققىچە ئىشلەپ،15مىنۇت تىندۇرغاندىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا،ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرىمىز.

گۆش ۋە كۆكتاتلارنى قوناق چوڭلىقىدا دان-دانقىلىپ بىر خىل شەكىلدە توغراپ تەييارلىۋالىمىز.

قورۇش ئۇسۇلى: قازانغا ئازراق ياغ قۇيۇپ گوشنى سېلىپ ئاندىن غولپىياز يۇمشىتىلغان قىزىلمۇچ سېلىپ قورۇپ ئازراق تۇز سالىمىز.ئاندىن پېسۋېلەك(چۇكا پۇرچاق،سامساق غولى،بەرەنگە،پېدىگەن)سېلىپ قورۇپ ئاندىن كۆك-قىزىلمۇچ،پەمىدۇر سېلىپ قورۇپ ئازراق كاۋاۋىچىن ئۇنى سېلىپ مۇۋاپىق سۇ قۇيۇپ قاينىتىپ ،تۇز،تەمىنى تېتىپ ،ئاچچقسۇ سامساق سېلىپ بىر قاچىغا ئېلۋالىمىز.

پىلتىنى پىشۇرۇش: قازانغا چوپ لايلەپ بىشقىدەك سۇ قۇيۇپ قاينىشىغا ئولگۇرتۇپ .تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ،ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ.ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ. ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزىۋېتىپ،ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان قورىمىسىنى سېلىپ ئىستىمال قىلساق بۇلىدۇ.

ئالاھىدىلىكى: ئىنتايىن يىيىشلىك بۇلۇپ كۆكتات ئىلغايدىغانلارغا بەكمۇ ماس كىلىدۇ . بۇ تاماق غۇلجا خەلقى دائىملىق ئىستىمال قىلدىغان لەڭمەنلەرنىڭ بىر تۇرى.

زىغىر (جۇڭيى) نىڭ يىلتىزى، يوپۇرمىقى. شەرقىي شىمال ۋە ئىچكى موڭغۇل، سەنشى، شەنشى، شەندۇڭ، خۇبېي، خۇنەن، گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، سىچۈەن، گۇيجۇ، يۈننەن قاتارلىق جايلارغا ت

ئادەتتە، ھەربىر بوۋاقنىڭ ئۆسۈپ-يىتىلىش جەريانىدا، گۇگۇم ۋاقتىدا خاپا قىلىدىغان بىر مەزگىلى بولۇپ، بۇ بىر خىل نورمال فىزىلوگىيىلىك ھادىسىدۇر؛ ئاتا-ئانا بولغۇچىلا

يىڭى تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ كۈتۈنىشىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، ئەگەر تۇغۇت كۈتۈنىشى ياخشى بولمىسا، كىيىلىك تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، تۇغۇ

تۇرمۇشتا ھەرخىل ئاچچىق يېمەكلىكلەر بار، ئاچچىق ئۇششاق يېمەكلىكلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ بەزى يېمەكلىكلەرنىڭ ئاچچىقلىقىدىن، ئېغىزىڭىز ئېچىشىپ كۆزلىرىڭىزدىن ياش چىقىپ كېت

سۇغۇق سۇدا پۇت يۇيۇش ساغلاملىققا زىيانلىق. ياز كۈنى ئاچچىق تەملىك يىمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئىستىمال قىلىش بولسا ساغلاملىققا پايدىلىق.

نىلوپەر غولىنىڭ پوستىنى سويىۋىتىپ پاكىزە يۇغاندىن كېيىن، قايناقسۇدا 5مىنۇت قاينىتىمىز. نىلوپەر غولىنى نېپىزرەك توغراپ، جىياڭيۇ ۋە تۇز قوشۇپ ئارىلاشتۇرىمىز.

دۈم ياتقان ۋاقىتتا، بوۋاقلار ئۆزىنى تىرەپ كۆتۈرۈگەندە، ئاندىن ئانىسىنى ۋە ئەتراپتىكى مۇھىتنى كۆرەلەيدۇ؛ بۇ جەرياندا، بوۋاقنىڭ باش قىسىمى، بويۇن، مۈرە ۋە بەل قورس

ئامىرىكىنىڭ لاس-ۋىگاستىن بولغان ئەر-خوتۇن باك بىلەن مىشىل، كىشىلەر تەرپىدىن "چېنىقىشتىكى بىرىنچى مەستانە" دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئەر-خوتۇن ئىككىسىنىڭ ھەر ئايدا چې

دۇنيادا خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ئادەم بولمايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا، مەيلى چوڭلار بولسۇن ياكى كىچىك بالىلار بولسۇن، ھەممىسىلا خاتالىق ئۆتكۈزىدۇ. ئەمىلىيەتت

تۇغۇتتىن ئىلگىرىكى بىر ئاي ئىچىدە، ھامىيلە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئىش بىلەن ئالدىراش بولىدۇ، ھامىلدار ئانا ئۇنىڭغا ياخشى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.
بارلىق ھوقوق شىنجاڭ تەمزات مەدىنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ئاشپەز تور بېكىتىگە تەۋە ئېلان ئالاقە نومۇرى:13999072821 ،新疆塔穆扎提文化传媒有限公司 厨师网站
ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايۇنى تەنباۋداشا 415-نومۇر i ئىشخانا 乌鲁木齐市沙依巴克区长江路415号
Copyright (c)2009-2020 Www.Axpaz.Cn All rigths | E_Mail: 1436218124@qq.com
تور بېكىتىمىزگە يوللانغان بارلىق تائاملار توردىن يىغىلمىغان بولۇپ، ئەگەررۇخسەتسسىز كۇچۇرسىڭىز قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىسىز
ھوقۇق - مەنپەتىمىزگە دەخلى يەتكۇزگەن
ھەرقانداق توربەت سالونلار بولسا دەرھال پاش قىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ .
新ICP备15004026号-1
新公网安备 65010202000516号